ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن پەلەسىتنلىك ياشقا ئوق چىقاردى

غەززە رايونىنىڭ شەرقىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەسىتنلىكلەرگە مۇداخىلە قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن پەلەسىتنلىك بىر ياشقا ئوق چىقاردى.

1005388
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن پەلەسىتنلىك ياشقا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە چېگراسىدىكى كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تىنچ نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەلەسىتنلىك ئاياللارغا ھەقىقىي ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەنىڭ شەرقىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەسىتنلىك ئاياللارغا ھەقىقىي ئوق ۋە سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان گاز بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى ئايال بولۇپ، 134 كىشى يارىلاندى، بەزى پەلەسىتنلىكلەر ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.»

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە چېگراسى ئەتراپىدا تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن پەلەسىتنلىك بىر ياشقا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە پۇتىدىن يارىلانغان،

يارىلانغان بولۇشىغا قارىماي تۈركىيە بايرىقىنى تاشلىۋەتمىگەن پەلەسىتنلىك ياش، سەھىيە خادىملىرى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

پەلەسىتنلىكلەر تۇپراق كۈنىنىڭ 42 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 30 – مارتتىن بۇيان قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا «كەڭ كۆلەملىك يۇرتقا قايتىش» نامى ئاستىدا تىنچلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بولسا «سۈرگۈن قىلىنغان تۇپراقلارغا قايتىش (تۇپراق كۈنى) ۋە 2016 – يىلدىن بۇيان غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قامالنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان پۇقرالارغا ئوق چىقارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر