ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

پۇتىن-ترامپ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

1004906
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 16-ئىيۇلدا فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا مەجلىس ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

ھەيئەت رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگې لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

لاۋروۋ كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ ئامېرىكا مەجلىس ئەزالىرىنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ ئامېرىكا مەجلىس ئەزالىرىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ 16-ئىيۇلدا خېلسىنكىدا ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەيئەت باشلىقى ئابلاباما ئالىي پالاتا ئەزاسى رىچارد شېلباي ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن رۇسىيەگە كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتىپ: مۇناسىۋەتلىرىمىز كۆڭۈلدىدەك بولمىسىمۇ يەنىلا رۇسىيەگە كەلدۇق، مۇناسىۋىتىمىز ھازىرقىدىن ياخشىلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر