ئىراق تۈركمەنلىرى يېڭى نامايىشلارنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە يۈزلەرچە تۈركمەن سايلام مەركەزلىرىنىڭ ھەممىسىدە تاشلانغان سايلام بېلەتلىرىنى قول بىلەن ساناشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى.

1001293
ئىراق تۈركمەنلىرى يېڭى نامايىشلارنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنلەر كەركۈك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىناسى ئالدىدا يىغىلدى ۋە سايلام مەركەزلىرىنىڭ ھەممىسىدە تاشلانغان سايلام بېلەتلىرىنى قول بىلەن ساناشنى تەلەپ قىلدى.

ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپىنىڭ كەركۈك ۋىلايەتلىك شۆبە باشلىقى قاسىم قازانچى ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ "كەركۈكتە بەزى سايلام مەركەزلىرىدىكى ئاۋازلارنى قول بىلەن ساناش قارارى" نى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: "كەركۈكنىڭ بارلىق سايلام مەركەزلىرىدىكى تاشلانغان ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى قول بىلەن سانالمىسا، تۈركمەنلەر يېڭى نامايىشلارنى باشلايدۇ ۋە بۇنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن ھالدا باغدادتا داۋام قىلىدۇ" دېدى.

كەركۈكتە تۈركمەنلەر ئاۋازلارنىڭ "كۈردىستان يۇرتسۆيەرلەر بىرلەشمە پارتىيەسى" گە ھېسابلانغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى نارازىلىقلار سەۋەبىدىن "كەركۈكتىكى سايلام كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولسا قول بىلەن سانالسۇن" دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراق ئالىي سايلام كومىتېتى ھازىرغىچە سايلام بېلەتلىرىنى قول بىلەن ساناش توغرىسىدا قارار چىقارمىدى. ئىراقتا 2018-يىل 12-ماي ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر