لىۋىيە دېڭىزىدا 220 قانۇنسىز كۆچمەن ئۆلۈم قۇتۇلۇپ قالدى

لىۋىيەنىڭ كارابولى شەھىرىگە يېقىن دېڭىزدا 220 قانۇنسىزنىڭ كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1000582
لىۋىيە دېڭىزىدا 220 قانۇنسىز كۆچمەن ئۆلۈم قۇتۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ كارابولى شەھىرىگە يېقىن دېڭىزدا 220 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇپ قېلىندى.

مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارابولى شەھىرىگە  25 مىل كېلىدىغان جايدا 220 ئافرىقىلىق قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىمۇ يۈزلەرچە كۆچمەن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان ئىكەن.

ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن لىۋىيە ئارقىلىق سەھرايى كەبىر چۆلى ۋە ئاق دېڭىزدىن ئۆتىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئادەم ئەتكەسچىلىكلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشمەكتە، بەزىلىرى بولسا چۆلدە ياكى دېڭىزدا جېنىدىن ئايرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر