گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر مەسىلىسى كىرىزىس پەيدا قىلدى

گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر مەسىلىسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت سېپىدا كىرىزىس پەيدا قىلدى.

1000698
گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر مەسىلىسى كىرىزىس پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل مۇۋاپىق چارە تاپالماي كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت سېپىدا كىرىزىس پەيدا قىلدى.

ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى رەھبىرى ئاندرېيا ناھلېس بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشتىن بىشارەت بەردى.

خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئالدىنقى كۈنى كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرۇلۇق 4 سائەت مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ئاندرېيا ناھلېس مۇزاكىرىدىن كېيىن بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەر مەسىلىسى بولۇپ نۇرغۇن مەسىلە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتىدۇ، بۇ ھەپتە نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، تەخمىن قىلىشمۇ تەس بولىۋاتىدۇ.»

بىر مۇخبىرنىڭ يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىقنىڭ بار يوقلىقى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ناھلېس: بىلمەيمەن، راست گەپنى قىلسام بىزمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، دېدى.

16 ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە يەكشەنبە كۈنى بېلگىيەنڭ پايتەختى بىريۇسېلدا يىغىن چاقىرغان بولسىمۇ، نەتىجە ھاسىل قىلالمىغانىدى.

ياۋروپاغا قەدەم باسقانلا كۆچمەن ياكى مۇساپىرنىڭ كۆپ قىسمى گېرمانىيەگە كېلىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بىراق گېرمانىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى ھورست سېھوفېر بىلەن ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پارتىيەسى باشلىقى ئاندرې ناھلېس كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنراق  ھەل قىلىنىشىنى تەكتىلەپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر