ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 11-12-ئىيۇلدا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو يىغىنىدا كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

997234
ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن پۇتىن ناتو يىغىنىدا كۆرۈشۈشنى قارار قىلغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى كۆرۈشۈشنىڭ ۋاشىنگتوندا ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە تەرەپ كۆرۈشۈشنىڭ بىتەرەپ جايدا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

 ھازىرچە كۆرۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

رۇسىيە باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ مۇشۇ ئاي ئاخىرىدا موسكۋاغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپ بىلەن پۇتىن پىلان قىلغان كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ ترامپ-پۇتىن كۆرۈشۈشىنىڭ، ناتونىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر