خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى: سۇدان پىرېزىدېنتى قولغا ئېلىنىشى كېرەك

مەركىزىي ئىشخانىسى گوللاندىيەنىڭ لەھەي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلاش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

997010
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى: سۇدان پىرېزىدېنتى قولغا ئېلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇپەتتىشى باتو بېنسۇدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆمەر بەشىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

بېنسۇدا: «دارفۇردا قوربان بولغانلار ئۈچۈن ئادالەت بەرپا قىلىشنى ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشنى خالايدىغان بولساق، كېڭەش ئەزالىرى بۇنى قوللىشى لازىم» دېدى.

مۇپەتتىش بېنسۇدا سۇدان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشتىن باشقا يەنە، چاد ۋە ئۇگاندانىمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ھەمكارلاشماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

ئېفوفىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تاكېدا ئالەمۇ بېنسۇدانىڭ قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئافرىقىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقان بىر دۆلەت ۋە ئۇنىڭ پىرېزىدېنتى توغرىسىدا بۇنداق بولمىغۇر سۆزلەرنىڭ قىلىنىشىدىن ئىنتايىن ئازابلانغانلىقىنى ئېيتتى. 

كۇۋەيتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ۋەكىلى مەنسۇر ئەل ئۇتەيبىمۇ مۇپەتتىش بېنسۇدانىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ، جازالاش ۋە ئادالەت دېگەندەك تونلارغا ئورىنىۋېلىپ، دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى، بىرلىكىنى ۋە ئۆز ئۆزىگە خوجايىنلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلارغا، بولۇپمۇ خەلقئارالىق ئەدلىيە پىرىنسپلىرىنى سىياسەتكە سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيە ۋەكىللىرى بولسا، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سۇدان پىرېزىدېنتىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2009يىلى 4مارتتا پىرېزىدېنت ئۆمەر بەشىرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت ۋە دارفۇردا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبىلەنگەن ئىدى.

ئۆمەر بەشىرمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى ئەيىبلەپ «ئېكىسپالاتسىيە قىلىش ئورگىنى» دەپ باھا بەرگەن ۋە بۇنداق ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر