ئانتونىيو گۇتېررېس بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇررېرېس قۇربان ھېيت ئۈچۈن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى ۋە ياخشى تىلەكلەردە بولدى.

2153400
ئانتونىيو گۇتېررېس بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېررېس ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X ھېساباتىدىكى يازمىسىدا: «بۇ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە توقۇنۇش، زوراۋانلىق ۋە بۆلۈنۈش سەۋەبىدىن يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلىيەلمەيۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھەمكارلىق تۇيغۇلۇرۇمنى يوللايمەن» دېدى.

مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بۇ مۇقەددەس كۈنلەردە تىنچلىققا ئىگە بولۇشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس: «قۇربان ھېيت ئىلھاملاندۇرىدىغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھېسداشلىقنىڭ ھەممەيلەننى شەپقەت ۋە تىنچلىققا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر