ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ: "بۇ كېڭەش ئىسىمىغا لايىق ئەمەس" دېدى.

996250
ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىككى ھالېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بىر يىل بۇرۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئىسلاھات بولمىغاندا ئامېرىكانىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بۇ جەرياندا كېڭەشتە ھېچقانداق ئىسلاھات بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېڭەشتىكى خىتاي، كۇبا ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، كېڭەشنىڭ ئىسىرائىلىيەگە قارشى بىر تەرەپلىمە قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ: "كېڭەشنىڭ ئىسىرائىلىيەگە نىسبەتەن قاتماللىشىپ قالغان بىر تەرەپلىمە قارىشى بار" دېدى.

ئۇ كېڭەشتە يېڭىلىقلار ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، قايتىدىن ئەزا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا، كېڭەشنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا يېتەرسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېڭەشنىڭ "كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرگە يانباسقانلىقى" نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسىرائىلىيەگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ "ئىككى يۈزلىمىچىلىك" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفانې دۇجارىك ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: "باش كاتىپ گۇتېرس ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشىنى خالايدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تەشۋىق قىلىشتا ۋە قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا" دېدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2-ئىيۇلدا توپلىنىپ، پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى بولۇپ، جەنۋەنى مەركەز قىلغان كېڭەشنىڭ 47 ئەزاسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر