ھىندىستاندا چاشقانلار ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى پۇللارنى يەپ كەتتى

ھىندىستاندا چاشقانلار بىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئىچىدىكى 12 مىليون 380 مىڭ رۇپىيەنى يەپ كەتتى.

996042
ھىندىستاندا چاشقانلار ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى پۇللارنى يەپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا بىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئېچىلىغىنىدا ئىچىدىكى 12 مىليون 380 مىڭ رۇپىيەنى چاشقانلارنىڭ يەپ كەتكەنلىكى بايقالدى.

ھىندىستاننىڭ ئاسان ئۆلكىسىگە قاراشلىق تنسۇكىيا رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، يىرتىق پۇللارنىڭ ئۈستىدە چاشقانلارنىڭ ئۆلۈكلىرىمۇ بايقالدى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى، يىرتىلمىغان پۇللار ئايرىپ چىقىرىلدى.

ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالغان 3 ھەپتىدىن بۇيان خىزمەتتىن توختىلىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر