رۇھانى ئەلسانى بىلەن يەمەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، «يەمەن كىرىزىسىنىڭ سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

995187
رۇھانى ئەلسانى بىلەن يەمەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى قاتار ئەمرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى؛ رۇھانى تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، يەمەننىڭ قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان پورت شەھىرى ھۇدەيدەدىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدا توختالدى ۋە يەمەن كىرىزىسىنىڭ ئۇرۇش يولى بىلەن ئەمەس، سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

قاتار ئەمرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىمۇ رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان  مەسىلىلەرنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى  كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھېچبىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى تاڭماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھىمايىسىدىكى يەمەن كۈچلىرى، چارشەنبە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۇدەيدە شەھىرى ۋە ھۇدەيدە پورتىنى 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھۇسىيلاردىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بولسا، 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەندىكى ئۇرۇشتا 10 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 2 مىڭ ئادەمنىڭ خولېرانىڭ قۇربانى بولغانلىقى، يېرىم مىليون يۇقۇملۇق كېسەل بىمارىنىڭ بارلىقى، 3 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر