ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (TANAP) لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى (TANAP) لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

991815
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (TANAP) لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ساندرا ئوئۇدكىرك ئەنقەرەدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا قوشىدىغان تۆھپىسى ھەققىدە توختالدى.

لايىھەنىڭ جەنۇبىي تەبىئىي گاز كارىدورىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئوئۇدكىرك، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ رايوننىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، جۈملىدىن ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان لايىھەنىڭ مەنبە سەرخىللىقىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ لايىھە ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنى ئالىدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. گەرچە ئامېرىكا بۇ لايىھەگە بىۋاسىتە  مەبلەغ سالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، مەنبە سەرخىللىقى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغان بۇ لايىھەنى قوللايدۇ.»

باشقا ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنىڭ ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە داخىل قىلىنىشى توغرىلىقمۇ توختالغان ئوئۇدكىرك، بۇ لايىھەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ لايىھە ئارقىلىق 16 مىليارد كۇب مېتىرلىق لىنىيەنىڭ ئىككى ھەسسە زورىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش. پۈتكۈل دۇنيا تۈرلۈك قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازىنىڭ بازارغا سېلىنىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم. بىزگە نىسبەتەن ئىتتىپاقداشلىرىمىز  ۋە ھەمراھلىرىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر