تۇنىستا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
تۇنىستا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىستا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇنىڭ تۇنىستا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
پايتەخت تۇنىسنىڭ سىمۋولى بولغان ھابىب بۇرگىبا كوچىسىدىكى تىياتىر بىناسى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.
نامايىشچىلار «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بۇ دۆلەت بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قۇربى يەتمەي، دۆلىتىمىزدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش پىلانىنى تۈزۈپ يۈرۈپتۇ، بۇنى قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇلار دۆلىتىمىزدە مۇستەبىت ھاكىمىيەت تىكلىيەلمەيدۇ، بىز ئىنقىلاب مىۋىلىرىمىزنى قوغداشنى بىلىمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.