كەشمىردە يەنە توقۇنۇش چىقتى

ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىر رايونىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

989675
كەشمىردە يەنە توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئارمىيەسىدىن پولكوۋنىك راجېش كالىئا بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئەتىگەن جاممۇ كەشمىرگە ئۆتكەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 6 قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان تەرەپ ھازىرغىچە بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

ئەنگلىيە، 1947 – يىلى ئەنگلىيەدىن چېكىنگەندە، خانلىق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان كەشمىرنى ھىندىستان ياكى پاكىستان بىلەن بىرلىشىش مەسىلىسىدە ئەركىن قويۇۋەتتى. نوپۇسىنىڭ %90 ىتىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان كەشمىر خەلقى، 1947 – يىلى پاكىستانغا قېتىلىپ كېتىىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ خانى ھىندىستان بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلدى. قارارغا مۇسۇلمان كەشمىر خەلقى قارشى چىقتى. پاكىستان بىلەن ھىندىستان رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىشى بىلەن، تەرەپلەر تۇنجى قېتىم 1947 – يىلى ئۇرۇشتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 1948 – يىلى قارار چىقىرىپ، كەشمىرنىڭ ئەسكەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنى ۋە رايوندا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ھىندىستان پاكىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەشمىرنىمۇ ئۆزىنىڭ زېمىنى، دەپ ئېلان قىلدى. پاكىستان بولسا، كەشمىرلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

كەشمىرنىڭ %45 ى ھىندىستاننىڭ، %35 كە يېقىنى پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، رايوننىڭ %20 ى بولسا، خىتاينىڭ نوپۇزى ئاستىدا تۇرماقتا. ھىندىستان قولغا كىرگۈزگەن رايونلارنى «جاممۇ كەشمىر» ئۆلكىسى دېگەن نام ئاستىدا ئۆزىگە قاراتتى. جاممۇ كەشمىر نۆۋەتتە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىردىنبىر ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. پاكىستان بولسا، ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەشمىرنى «ئازاد كەشمىر» ۋە «گىلگىت بالتىستان» دەپ ئاتاپ، ھەر ئىككىسىگە ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر