ماتتىس: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتلىرى (نى قوغداش) نىڭ چارىسىنى تېپىشقا مەجبۇرمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، تۈركىيە بىلەن دۆلىتى كېلىشىم ھاسىل قىلغان مۇنبىچ يول خەرىتىسى توغرىسىدا توختالدى.

987644
ماتتىس: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتلىرى (نى قوغداش) نىڭ چارىسىنى تېپىشقا مەجبۇرمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، تۈركىيە بىلەن دۆلىتى كېلىشىم ھاسىل قىلغان مۇنبىچ يول خەرىتىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيە، ناتوغا نىسبەتەن بىر ئالدىنقى سەپ دۆلىتىدۇر؛ تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتلىرى (نى قوغداش) نىڭ چارىسىنى تېپىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

جېيمس ماتتىس شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا كېلىۋېتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇنبىچ توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمىنىڭ، سۈرىيەدە سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن نامنى ئىشلىتىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدە (دائېشقا قارشى) داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ – كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى سورىدى.

ماتتىس، تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ناتو ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ قانداق قوغدىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق كۈچەيتىلىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە، ناتوغا نىسبەتەن بىر ئالدىنقى سەپ دۆلىتىدۇر؛ ئەسەدنىڭ ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ قوللىشى سايىسىدا خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن پالاكەتنىڭ ئالدىنقى سېپىگە جايلاشقان بىر ناتو دۆلىتى. تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتلىرى (نى قوغداش) نىڭ چارىسىنى تېپىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

جېيمس ماتتىس، بىر مۇخبىرنىڭ ھەم ئىتتىپاقداشلىرى تۈركىيە بىلەن ھەم سۈرىيەدىكى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى ئىسىملىك تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بىرلا ۋاقىتتا قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە. مەن كۆرگەن ئەڭ چېگىش ئۇرۇش ساھەسى، لېكىن، شۇ نۇقتا رۇشەنكى، تۈركىيە بىلەن ئۇلارنىڭ ئەندىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز، بىرلا ۋاقىتتا دائېشنى يېڭىمىز. بۇ ناھايىتى قىيىن ئىش، ئالدى بىلەن بۇنى قوبۇل قىلىمەن، ئەمما، بۇنى قىلىۋاتىمىز. ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز شۇنداقلا بۇنى تۈركىيەگە قارشى ئەمەس، تۈركىيەنى ھېسابقا قوشۇپ تۇرۇپ قىلىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر