نىگاراگۇئادا ھۆكۈمەت نامايىشچىلارنى مۇرەسسەلىشىشكە چاقىردى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇئادا ھۆكۈمەت نامايىشچىلارنى مۇرەسسەلىششىكە چاقىردى.

986872
نىگاراگۇئادا ھۆكۈمەت نامايىشچىلارنى مۇرەسسەلىشىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى؛ ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇئادا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 5 ئادەم ئۆلدى.

ھۆكۈمەت نامايىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە قارىتا نامايىشچىلارنى مۇرەسسەلىشىشكە چاقىردى.

نىكاراگۇئادا ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە ھازىرغىچە 120 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، كېچىسى شەھەرنى كېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقلىرى، ھەتتا كىشىلەرگە زوراۋانلىق قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاپرېلدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجىتىمائىي سۇغۇرتا ئىسلاھاتلىرىغا قارشى باشلىغان نامايىشلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر