«ترامپنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن رۇدي گىئۇلىئانى، پىرېزىدېنتنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

985384
«ترامپنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇدي گىئۇلىئانى، ئامېرىكا ABC قانىلىنىڭ «بۇ ھەپتە» ناملىق پىروگراممىسىدا پىرېزىدېنت ترامپ ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

رۇدي، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى ۋە ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا «نامۇۋاپىق كوردىناتسىيە» نىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېرگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، ترامپنىڭ كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش مۇئېللېرغا بىر پارچە مەكتۇپ يوللاپ، تىرامپقا سوراق قىلىش بويىچە بېسىم ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن رۇدي، پىرېزىدېنتنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈشلىرىگە قارشى «چەكسىز» كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرقانداق بىر ئەھۋالدا «كەچۈرۈم قىلىش» ھوقۇقىنى ئىشقا سالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇدي گىئۇلىئانى، «پىرېزىدېنت ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا «بۇنى ئىشقا سالمايدۇ، بىراق  (مۇشۇنداق ھوقۇقى) بار. پىرېزىدېنت ئۆزىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ، پىرېزىدېنتنىڭ ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرى ئارىسىدا بۇنداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر