سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاين ئىسا رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىدا پارتلاش كېلىپ چىقتى.
985093
![سۈرىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6074/6ae0/e411/5b14ea4ab59e8.jpg?time=1719008728)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ – پ ك ك ئىشغالىيىتىدا تۇرۇۋاتقان ئاين ئىساد رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىدا پارتلاش كېلىپ چىقتى.
راققەدىكى يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچىدە راققەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاين ئىساد رايونىدا پ ك ك –ي پ گ تېررورچىلىرىمۇ بېرىپ كېلىپ تۇرىدىغان ھەربىي بازىدا پارتلاش مەيدانغا كەلگەن.
پارتلاشتا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان پ ك ك – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا خىزمەت قىلىدىغان ئۇچۇر-ئالاقە خادىملىرى ۋە بەزى يەرلىك مەنبەلەر، پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئىسكىلاتتىكى ئوق-دورىلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
بۇ ھەربىي بازىدا تەخمىنەن 200 ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن 75 فىرانسىيە ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيتتى.