ستولتېنبېرگ: ناتونىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتو ئەھدىنامىسىنىڭ ئىتتىپاق ئىچى ھەمكارلىققا ئالاقىدار 5 – ماددىسىكى خەۋپسىزلىك كاپالىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

984571
ستولتېنبېرگ: ناتونىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دەر شىپىگېل ژۇرنىلى» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ھېچبىر دۆلەت ئىسرائىلىيەدەك ئىراننىڭ تەھدىتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ، «بىرەر ھۇجۇم يۈز بېرىپ قالغان تەقدىردە، ناتو ئىسرائىلىيەنى قوغدامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى، بىراق ناتونىڭ ئەزاسى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە، رايوندىكى ھەربىي ئىختىلاپلارغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن باشقا ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقى بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «ئىران كېلىشىمى ئىناۋەتلىكلىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەسىلە، ئامېرىكىسىز بۇنىڭ داۋاملىشىپ – داۋاملىشالمايدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا شىركەتلىرىگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر