«ئامېرىكا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىۋاتىدۇ»

رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ماكسىم ئورېشكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

983414
«ئامېرىكا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ماكسىم ئورېشكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ: نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتى سەۋەبىدىن دۇنيا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىۋاتىدۇ، دېدى.

رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىر ئورېشكىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرىپىدىن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئورېشكىن مۇنداق دېدى: « نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتى سەۋەبىدىن دۇنيا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا سەۋەبلىك ئۆسۈم نىسبىتى ئۆسۈپ كېتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ بېسىمى، سودا چەكلىمىلىرى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ مېڭىشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرايدۇ.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ يىل 9-مارتتا سىرتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلاردىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتىنىڭ %25 ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كانادا، مېكسىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە 1 –ئىيۇنغىچە ۋاقىتلىق باجدىن كەچۈرۈم قىلىش مۆھلىتى بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر