يەمەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

يەمەننىڭ ئادەن شەھىرىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

980194
يەمەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئادەن شەھىرىگە يىغىلغان بىر تۈركۈم كىشى، خەلق قارىشىلىق كۆرسىتىش قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن ۋەلىد ئەل ئىدرىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئەل-مەنسۇراغا يىغىلغان نامايىشچىلار كوچىنى قاتناشقا توسۇپ ئاپتوموبىل چاقلىرىنى كۆيدۈردى.

ئادەن ساقچىلىرى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن قوماندان ۋەلىد ئەل ئىدرىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى توغرۇلۇق رەسمىي بايانات بېرىلمىدى.

قوماندان ئىدرىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە قارشى شوئار توۋلىغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەمەننىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەل-مۇقەللا شەھىرىدىمۇ توك توختاپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر