ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەخپىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا مەخپىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

980105
ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەخپىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ۋە ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىدە «تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى توقۇنۇشلارغا كىرمەسلىك»مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لوندوندىن تارقىتىلىدىغان «ئىلاف»گېزىتىنىڭ مۇزاكىرىگە قاتناشقان بىر مەسئۇلنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئىراننىڭ ئامماندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مۇجتەبا فىردەۋسى بۇرئۇن ۋە ئىران ساقچى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامماندىكى مەلۇم بىر مېھمانخاننىڭ ئوخشىمىغان ئۆيلىرىدە قالغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇزاكىرىنىڭ بىۋاستە بولمىغانلىقى بىراق ئىككى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىنى ئىيوردانىيەلىك بىر كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىر-بىرىگە يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ۋاستىلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىنىڭ تېمىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىدا بولۇپمۇ دەرئا ۋە ئەل قۇنەيتارا شەھەرلىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنۇ قاراشلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئىراندىن سىرت يەنە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ۋە باشقا شىئە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇ رايونلاردا ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلارغا كىرمەسلىك ۋە ئىيوردانىيەنىڭمۇ چېگرالىرىنى كىرىپ چىقىشلارغا تاقىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.»

ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكلىرى ۋە ئىسرائىلىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىغا يېقىن رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلارغا ئىران ۋە ھىزبۇللاھ قوراللىق قىسىملىرى كىرمىگەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن مۇزاكىرىدە، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامماندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ۋاستىلىك مۇزاكىرىدە ئاسانلا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە بۇ قېتىمقى ۋاستىلىك مۇزاكىرىنىڭ «غەلىتە ۋە ئەمەلىيەتكە نامۇۋاپىق»بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە تېخىمۇ ئېغىر چىقىم تارتماسلىق ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن،  سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلارغا كىرمەسلىكنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدىن رۇسىيەنىڭمۇ ئالدىن خەۋىرى بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن خەۋەردە، دەرئا ۋە قۇنەيتارادا توقۇنۇش يۈز بەرسە ئىران ۋە ھىزبۇللاھ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ توقۇنۇشقا كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا رۇسىيەنىڭ ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر