كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى
ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان قارشىلىق كۆسەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
980658
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاكپورا يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بىر ھىندىستان ئەسكىرى بىلەن بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، پۇقرانىڭ مېيت نامىزىغا قاتناشقان مىڭلارچە كىشى مۇستەقىللىق شوئارلىرىنى توۋلىغان.
مېيت نامىزى جەريانىدا ھۆكۈمەت كۈچلىرى تاش ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ياشلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.