سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىغا يېقىن جايلىرىدا 6 ئەسكەر ئۆلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىغا يېقىن جايلىرىدا 6 نەپەر ئەرەبىستان ئەسكىرى ئۆلدى.

979731
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىغا يېقىن جايلىرىدا 6 ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەسكەرلەردىن ئىككىسىنىڭ چېگرا بويىدىكى جازان شەھىرىدە، بىرىنىڭ نەجران، يەنە بىرىنىڭ ھۇررەس رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، قالغان ئىككى ئەسكەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى. باياناتتا يەنە، ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ۋە ۋاقتى توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر ئورتاقلىشىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر 2015 – يىلى 26 – مارتتىن بۇيان يەمەندىكى ھۆكۈمەتنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ھۇسىيلارغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر