شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پائالىيەتچىلەر غەززەدىكى ئىسرائىلىيە قورشاۋىنى بوسۈپ ئۆتمەكچى

شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى غەززەدىكى قورشاۋنى بوسۈش ئۈچۈن بېلىقچى كېمىلىرى بىلەن يولغا ئاتلاندى.

972149
شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پائالىيەتچىلەر غەززەدىكى ئىسرائىلىيە قورشاۋىنى بوسۈپ ئۆتمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Ship to Gaza» جەمئىيىتى ئاخبارات ئىشلىرى باياناتچىسى ئېللېن ھانسسون ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مەقسىتىدە «غەززە ئۈچۈن پاراخوت» ناملىق بىر ھەرىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يىلدىن بۇيان تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېللېن ھانسسون بۇ دائىرىدە شىۋېتسىيەنىڭ كوتبورگ شەھىرىدىن 2 بېلىقىچى كېمىسى، پايتەخت سىتوكھولىمدىن 1 ۋە نورۋېگىيەدىن 1 بولۇپ، جەمئىي 4 پاراخوتنىڭ ئاخشامغا يېقىن يولغا چىققانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە: «بۇ كارۋىنىمىزدىكى كىچىك كېمىلەر فىرانسىيەدىكى قاناللار ئارقىلىق غەززەگە، چوڭ كېمىلەر تىنچ ئوكيان ئارقىلىق غەززەگە يېتىپ بارىدۇ» دېدى.

ئېللېن ھانسسون ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ: «بۇ قېتىم بىز تېخىمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قورشاۋى تەرەپكە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىمىز» دېدى.

ھانسسون ئىككى يېرىم ئايدا غەززەگە يېتىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئىنشائاللاھ بۇ قېتىم غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈشتە ئۇتۇققا ئېرىشىمىز. غەززە چوڭ بىر تۈرمىگە ئايلىنىپ قالدى. 2 مىليون پەلەستىن پۇقراسى نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا. بۇ نازارەت ئاستىدىكى ھاياتلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرۇشنى خالايمىز.  ئىلگىرى غەززەدە 4000 بېلىقچى بار ئىدى. ھازىر 500 بېلىقچى قالدى. بېلىقچى كېمىلىرىمىزنى پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ھەدىيە قىلىشنى خالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا كۆرسىتىپ قويۇشنى خالايمىز» دېدى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر