ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى مالىيە ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جالالئاباد شەھىرىدىكى مالىيە ئىدارىسى بىناسىدا ئارقا – ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى.

970072
ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى مالىيە ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جالالئاباد شەھىرىدىكى مالىيە ئىدارىسى بىناسىدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى پارتلاشتا 12 ئادەم ئۆلدى، 36 ئادەم يارىلاندى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيانى، 8 ھۇجۇمچىدىن ئىككىسىنىڭ مالىيە ئىدارىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقاندىن كېيىن، قالغان 6 ھۇجۇمچىنىڭ بىناغا باستۇرۇپ كىرىپ ئەتراپقا ئوق چىقارغانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خوگيانى، بىر قانچە سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن بارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا پۇقرالار قوشۇلۇپ جەمئىي 12 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 36 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر