رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىسىنى يۆتكىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىشىنىڭ رايوندا يىرىكچىلىكلەرنى ئۇلغايتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
970426
![رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىسىنى يۆتكىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/13dd/a3ea/c284/5af309e8cb024.jpg?time=1718829092)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنىڭ رايوندا يىرىكچىلىكلەرنى ئۇلغايتىۋېتىشىدىن رۇسىيەنىڭ ئەندىشە ھېس قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: "ئەلۋەتتە، ئەندىشە قىلىمىز، بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ بايانات ئېلان قىلغان ئىدۇق" دەپ جاۋاب بەردى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 12-ماي ب د ت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئالاھىدە كوردىناتورى نىكولاي ملادېنوي بىلەن كۆرۈشكەندە، پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
سېرگېي لاۋروۋ: "ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ بىز بىلىدىغان قۇددۇس قارارىنىڭ سايىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا" دېگەن ئىدى.