ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى رايونلۇق تەھدىت شەكىللەندۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى

969175
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېھرانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى، ھەمدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئوتتۇرا شەرق رايونىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.»

ئۇ يەنە، ئىراننى يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىران كۈچلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى سۈرىيەدىن گولان ئېگىزلىكلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىغا 20 دەك راكېتامىيوت ئاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسرائىلىيە، بۇ ھۇجۇمغا جاۋاب تەرىقىسىدە سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرىگە ئائىت نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ ئىراننى ئوتتۇرا شەرق رايونىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر