ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ماخاتىر مۇھەممەدنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مالايشىيانىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەدنى تەبرىكلىدى.

968862
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ماخاتىر مۇھەممەدنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان مالايشىيانىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەدنى تەبرىكلىدى،  شۇناقلا، سايلامغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل مالايشىيا خەلقىنىمۇ تەبرىكلىدى.»

ساندېرس باياناتىدا، ترامپنىڭ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مالايشىيا  ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئيېتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق دۇئېل ئېلان قىلىشلارغا قارشى ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مالايشىيانىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد تۈنۈگۈن دۆلەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ماخاتىر مۇھەممەد مالايشىيانىڭ 7 – باش مىنىستىرى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر