ئالجىرىيەدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلغان فىرانسىيە قەتلىئامى خاتىرىلەندى

ئالجىرىيەدە فىرانسىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملىرىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قەتلىئام ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ 73 - يىلى خاتىرىلەندى.

967232
ئالجىرىيەدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلغان فىرانسىيە قەتلىئامى خاتىرىلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، مەملىكەتنىڭ شەرقىدىكى ساتىف شەھىرىدە مىڭلغان كىشى توپلىشىپ، فىرانسىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملىرىنىڭ 1945يىلى 8 - مايدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان نامايىشچىلارنى قەتلىئام قىلغانلىقىنىڭ 73يىلىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يۈرۈشكە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يۈرۈشكە بەزى مىنىستىرلاردىن باشقا يەنە، يەرلىك رەھبەرلەرمۇ قاتناشتى.

ئالجرىيەنىڭ گۇئېلما شەھىرىدىمۇ خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

خاتىرىلەش پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان ئالجرىيە مۇجاھىتلار مىنىستىرى ئەتتەييىب زەيتۇنى ئالجىرىيە سازاۋەر بولغان مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنىڭ ئۆتمۈشتىكى قەھرىمانلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئۆزلىرىنى پىدا قىلىشى بەدىلىگە قولغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئەتتەييىب زەيتۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى پىششىق بىلىش ئېڭى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى قىسىملىرىنىڭ ساتىف، گۇئېلما ۋە قەرراتتا رايونلىرىدىكى نامايىشچىلارغا ئېلىپ بارغان قەتلىئامىدا، رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 45 مىڭدىن ئارتۇق ئالجىرىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئەلجىرىيە 8 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن 1962يىلى مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر