«گېرمانىيەدە يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر»

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېيىنمېيېر گېرمانىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

965359
«گېرمانىيەدە يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر ستېيىنمېيېر ئىران بىلەن 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ستېيىنمېيېر گېرمانىيەدىكى « ARD » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئىراننىڭ يادرو خىزمەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلغان خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئۈستىدە توختالغان ستېيىنمېيېر، مەزكۇر كېلىشىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا ئاقىۋەتىنى مۆلچەرلەشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويىدىغان چاغدا < بۇ ئىمزا بىلەن ئۇرۇشقا توسالغۇ بولغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىشىمىز كېرەك> دېگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ مۇھىم، چۈنكى بۇ كېلىشىم ئەمەلدىن قالسا ۋە رايوندا قايتىدىن قوراللىنىش ئەھۋالى يۈز بەرسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھازىردىن باشلاپ ئويلاشقا توغرا كېلىدۇ.»

ستېيىنمېيېر فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى ئامېرىكا زىيارىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ماكرون بىلەن مېركېل ۋاشىنگىتوندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتىنىلا، 10 يىللىق مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ توغرا قىلدى.»

ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قىسىم ئېمبارگولارنى بىكار قىلىۋەتكەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار توغرىسىدا 12-مايغىچە قارار چىقىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

گېرمانىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن  يەھۇدىيلارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار ئۈستىدە توختالغان ستېيىنمېيېر: يەھۇدىي، خىرىستىيان ياكى مۇسۇلمان، دىنسىز ياكى دىندار گېرمانىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىكتە ياشاپ كەلمەكتە. گېرمانىيەگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر يەھۇدىيلار ھۇجۇم نىشانى قىلىنسا ئۆز-ئارا خاتىرجەم ياشاش ئىشقا ئاشمايدۇ، دېدى.

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ستېيىنمېيېر يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنىڭ گېرمانىيەلىكلەر نۇقتىسىدىن «گېرمانىيەنىڭ يوق قىلىنىشى»دىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سەۋەبتىن ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرىنى بولۇپمۇ ساقچى ۋە سوت ئورگانلىرىنى يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر