ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا گىنا ھاسپېل تەيىنلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى (CIA) نىڭ باشلىقلىقىغا گىنا ھاسپېل تەيىنلەندى.

959891
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا گىنا ھاسپېل تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپو پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىېتېپا بەرگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ھاسپېل، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىدا 33 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، 2001 – يىلقى «11 – سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ چەت ئەللەردىكى تۈرمىلىرىدىكى قىيىن – قىستاقلار بىلەن تىلغا ئېلىنغان ھاسپېلنىڭ، پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش باسقۇچىنىڭ ناھايىتى تەسكە توختايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ھاسپېلنىڭ دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسىتىلىشى، تەشكىلاتنىڭ چەت ئەللەردىكى تۇنجى تۈرمىسى بولغان تايلاند تۈرمىسىدە نۇرغۇن گۇماندارنى قىيىن – قىستاققا ئېلىشتا رول ئوينىغان دېگەن سەۋەب بىلەن ۋاشىنگتوندا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى.

كالىفورنىيە ئىشتاتلىق پالاتا ئەزاسى دېموكرات دىئاننې فېنستېين، ئورېگون ئىشتاتلىق پالاتا ئەزاسى دېموكرات رون ۋايدېن ۋە مارتىن ھېينرىك، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىدىن ھاسپېل مەسىلىسىدە جامائەتچىلىككە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى، تۈنۈگۈن نامزاتلىق باسقۇچىدا تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن گىنا ھاسپېلگە ئالاقىدار بەزى مەخپىي مەلۇماتلارنى پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى قوبۇل قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا مايك پومپونى  تەيىنلىگەنلىكىنى، پومپونىڭ ئورنىغا ھاسپېلنى مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر