سۈرىيەدە فىرانسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تېررورچىلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا

سۈرىيە دە فىرانسىيە ئەسكەرلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك - ي پ گ تېررورچىلىرىنى قورال-ياراغ ۋە ھەربىي مۇتەخەسىسلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

959856
سۈرىيەدە فىرانسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن تېررورچىلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ – پ ك ك تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋالغان رايونلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىباشلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ – پ ك ك ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رۇمەيلان ناھىيەسىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا كەلگەن.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ بازىدا قانچىلىك مۇددەت تۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

يېقىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن سۈرىيەگە داۋملىق كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرى ھەربىي ماشىنىلار بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ي پ گ – پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مۇنبىچ، راققە ۋە دەيرىزوردا چارىلاش ئېلىپ بارماقتا.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرى يەنە ي پ گ – پ ك ك تېررورچىلىرى تۇرۇۋاتقان بازىلارنىمۇ پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ.

يېقىنقى مەزگىللەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىباشلىرى بىلەن مۇنبىچتا يىغىن ئاچقانلىقى بىلدۈرۈلگەن فىرانسىيە ئەسكەرلىرى،  تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قورال-ياراغ ۋە ھەربىي مۇتەخەسىسلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

فىرانسىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىغا تەۋە 70دەك ئەسكەر دائېشقا قارشى تەشكىل قىلىنغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاينۇلارابنىڭ (كوبانى)جەنۇبىدىكى مىشتانۇر تۆپىلىكى، سىررىن ناھىيەسى، ئاين ئىسا رايونى ۋە ھاراب ئىشك يېزىسىدىكى بىر فىرانسىيە سېمونت زاۋۇتىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

فىرانسىيە ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن باشقا يەنە  جەڭ مەيدانىدىمۇ ي پ گ – پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر