كورېيە رەھبەرلىرى ئاخىرى كېلىشتى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش بولۇپ نۇرغۇن مەسىلىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتى.

959854
كورېيە رەھبەرلىرى ئاخىرى  كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن بۈگۈن ئەتىگەندە ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان پانمۇنجون يېزىسىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەر بۇنىڭدىن كېيىن كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رەھبەرلەر ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلەش مەسىلىلىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشتى.

جوڭئۇن بىلەن مون چۈشتىن كېيىنكى پروگراممىلىرىنىڭ تۇنجى قىسمىدا «كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ سېمۋولى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ»بىرلىكتە كۆچەت تىكتى.

قارغاي كۆچىتى ئىككى دۆلەتنى ئايرىۋەتكەن ھەربىي چېگرا لىنىيەسىگە يېقىن جايغا تىكىلدى.  

رەھبەرلەر كۆچەتنىڭ يىلتىزلىرىغا جەنۇبىي كورېيەدىكى ھاللا تېغى ۋە شىمالىي كورېيەدىكى باكدۇ تېغىدىن ئېلىپ كېلىنگەن توپىلاردىن تۆكۈشتى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا  1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە داۋاملاشقان ئۇرۇشتىن بۇيان ئۈچىنچى قېتىم  باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا بىرمۇ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى جەنۇبىي كورېيە زېمىنىغا قەدەم باسمىغانىدى. بىراق بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا كىم جونئۇن جەنۇبىي كورېيە زېمىنىغا قەدەم باستى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جونئۇن دادىللىق بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنى چېگرادىن ئۆتۈپ شىمالىي كورېيەگە ئۆتۈشنى تەكلىپ قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن پىرېزىدېنت كىم جونئۇننىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلماي جەنۇبىي كورېيەنى سمۋوللۇق بولسىمۇ زىيارەت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر