ھېلېي: ئوتتۇرا شەرقتە پۇقرالارنى «جانلىق قالقان» قىلىش ئېغىرلىشىپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، ئوتتۇرا شەرقتە پۇقرالارنىڭ «جانلىق قالقان» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ «ئېغىرلىشىپ كەتكەن» لىكىنى ئېيتتى.

959724
ھېلېي: ئوتتۇرا شەرقتە پۇقرالارنى «جانلىق قالقان» قىلىش ئېغىرلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىككى ھېلېي ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە ۋە يەمەندە بىگۇناھ خەلقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان مىلىتارىستلارنى ئەيىبلەپ، «ئىراننىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ تەنلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئرۇۇش قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قوغداۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

پۇقرالارنىڭ يا ھەربىي ئۈستقۇرۇلمىنى قوغداش ئۈچۈن قالقان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۇلارنىڭ مۇددىئالىرىغا خەلقئارا مېدىيادا قوللاش پەيدا قىلىش ئۈچۈن قۇربان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن نىككى ھېلېي، «ھەر ئىككى خىل شەكىلدە پۇقرالارنىڭ ئوقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقىنى ۋە غەيرىي قانۇنىي ھەربىي ۋە سىياسىي مۇددىئالار ئۈچۈن سۇيىئېستىمال قىلىنغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

ئۇ، پۇقرالاردىن جانلىق قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا «ۋەھشىيلەرچە بىر قىلمىش» ۋە «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ باھا بېرىپ، «خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىنسانىيەت نامىدىن بۇ تەھدىتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ساداسىنى ياڭرىتىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر