قاتار: سۈرىيە دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ئىنسانىي پالاكەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئال سانى، سۈرىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ئىنسانىي پالاكەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

959209
قاتار: سۈرىيە دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ئىنسانىي پالاكەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئال سانى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەيرنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ بەدىلىنى قاتار تۆلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىگە باھا بەردى. ئۇ، «سۈرىيە دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ئىنسانىي پالاكەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. سۈرىيە، خەلقئارا جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ جاۋابكارلىقى ئاستىدىدۇر» دېدى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى سۈرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي چارە تېپىشقا چاقىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، قاتارنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە پۇل تۆلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر