رۇسىيە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

951237
رۇسىيە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن سۈرىيە خەلق ئۈچۈن <ئەرەب باھارى>، ئارقىدىن دائېش ئىشقا سېلىندى، ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەقىللىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىشقا سېلىنىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللار تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئاستىدا پۇت تىرەپ تۇرالىغان ئىگىلىك ھوقۇق دۆلىتى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق بومباردىمان قىلىندى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى دەپ ئېلان قىلىۋاتقان كۈچنىڭ نىشانى ياتىدۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، سۈرىيە تىنچلىق بىر كېلەچەككە ئىگە بولغان بىر پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.»

ئاقساراينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلىنىپ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئىشەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن زاھاروۋا، «بۇ باياناتتتىن كېيىن بۇ ۋەقەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ  جاۋابكارلىقى بارلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن 15  يىل ئىلگىرى ئاقساراي پروبىركا ئىشلەتكەنكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا، ۋاشىنگتون پروبىركىنىڭ ئورنىغا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر شېرىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق بارلىق خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلماقتا، رۇسىيە بۇنى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەقەت دۇنيا مىقياسىدىكى بىر جىنايەتچىلا ئەمەس، ئىككىنچى ئادولف گىتلېردۇر، چۈنكى بۇ، ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشتۇر.»

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاناتولى ئانتونوۋمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەگە بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئەندىشىلىمىز يۈز بەردى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىز نەزەرگە ئېلىنمىدى. نۆۋەتتە ئالدىن پىلانلانغان سېنارىيەلىك پىلانلار ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق، بۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ۋاشىنگتون، لوندون ۋە پارىژغا ئائىتتۇر، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر