ترامپ بىلەن مېي تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇمىغا قانداق جاۋاب بېرىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.

950519
ترامپ بىلەن مېي تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ترامپ بىلەن مېينىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىككى رەھبەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇمىغا بىرلىكتە جاۋاب بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.»

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس تۈنۈگۈن (12-ئاپرېل) پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ باشچىلىقىدا سۈرىيە كۈنتەرتىپى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى (NSC) يىغىنىدا، «ئاخىرقى قارارنىڭ چىقىرىلمىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتچى سارا ساندېرس ئارقىدىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بولسا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مېي بىلەن تېلېفوندا ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا قانداق جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قىلغان ئاخىرقى باياناتىدا: «بۈگۈن سۈرىيە ھەققىدە بەزى يىغىنلىرىمىز ئېچىلىدۇ، نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر