دونالد ترامپ سۈرىيە مەسلىسىدىكى سۈركىلىشلەر ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر تارقاتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدا سۈرىيە مەسلىسى ھەققىدە ھەمبەھىرلەشكەن يېڭى ئۇچۇرىدا «دەرھال ھۇجۇم قىلىشىمىزمۇ ۋە قىلماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن» دېدى.

950122
دونالد ترامپ سۈرىيە مەسلىسىدىكى سۈركىلىشلەر ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر تارقاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈن ھەمبەھىرلەشكەن تىۋىتتېر ئۇچۇرى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەندىن كېيىن، ترامپ بۈگۈن يەنە خۇسۇسىي ھېسابىدىن يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ باياناتىدا، «سۈرىيەگە قاچان ھۇجۇم قىلدىغانلىقىمىزنى ئېيتمىدىم. دەرھال ھۇجۇم قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن ياكى ھۇجۇم قىلماسلىقىمىزمۇ مۇمكىن. ھەر ھالدا مەن ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلدە ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلدى. بىز ھەقلىق بولغان <رەخمەت ساڭا ئامېرىكا> دېگەن مىننەتدارلىق قېنى قەيەردە؟» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سۈرىيەنىڭ دۇما ناھىيەسىگە 7ئاپرىلدا قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمنىڭ ئارقىدىن، تۇنجى قېتىم سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەششار ئەسەدنى «ھايۋان» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ترامپ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، «رۇسىيە، سۈرىيەگە ئېتىلىشى مۇمكىن بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېتىپ چۈشۈرىۋىتىدىغانلىقنى ئېيتماقتا. تەييار بول رۇسىيە! چۈنكى يېڭى، نازۇك ۋە تولىمۇ ئەقىللىق باشقۇرۇلىدىغان بومبلار كېلىدۇ. ئۆز خەلقىنى گاز بىلەن ئۆلتۈرگەن ۋە شۇنداق قىلىشتىن كەيىپ ئالىدىغان بىر ھايۋان بىلەن شېرىك بوپسەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.

تورامپ بۇ باياناتىنى ئېلان قىلىپ ئارىدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يېڭى بىر تىۋىتتېر ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشتى. «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىمۇ ھېسابقا ئالغاندا، ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يامانلاشتى. بۇنىڭ ھېچقانداق كېرىكى يوق ئىدى. رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەمگە ئېھتىياجى بار ۋە بىز ئاسان بىر شەكىلدە بۇ ئېھتىياجىنى قامدىيالايمىز. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. قورال ياراق رىقابىتىنى چۆرۈپ تاشلايلى!» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر