ترامپنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى توم بوسسېرت ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

948858
ترامپنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بوسسېرتنىڭ ئىستېپاسىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «پىرېزىدېنت، تومنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكىگە بولغان ساداقىتىگە مىننەتداردۇر. توم، ئاقساراينىڭ دۆلەتنى تېررورلۇق تەھدىتىدىن قوغداش، تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە كۈتۈلمىگەن تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى كۈرەش خىزمەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلدى. پىرېزىدېنت، ئۇنىڭغا ۋەتەنپەرۋەر خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوسسېرتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، بۇ ئىستېپانى ئالدىنقى كۈنى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر