«سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە ناھىيەسىدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

949336
«سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېسېر ناۋېرت كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇخبىرلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تەقدىردە، ئالدى بىلەن، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى كۈتۈپ كۈتمەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەن ھېسېر ناۋېرت، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ھەقتە بىزنىڭ قولىمىزدا ئاخبارات، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ قولىدا بولسا مەلۇمات بار. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇمادا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ساھەدە مەلۇمات توپلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمىتى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز. دەرۋەقە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ چىقالايدىغان مىخانىزملىرى بار. بۇلار ئاخباراتقا ئالاقىدار مەسىلىلەر بولۇپ، بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمراھلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇۋاتىمىز.»

7 – ئاپرېل كۈنى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئاخىرقى نۇقتا بولغان دۇما ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا 78 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر