يەمەن چېگراسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 4 ئەسكىرى ئۆلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، يەمەن چېگراسىدا 4 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

948122
يەمەن چېگراسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 4 ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى –سپانىڭ خەۋىرىدە، «ۋەتەن بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان ئەسنادا» ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ جىنازا مۇراسىملىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى، بىراق مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ قاچان ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان، يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ پايتەخت سەنئا قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىۋالغان ھۇسىيلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

ھۇسىيلار پات – پات سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدىكى نەجران ۋە جازان شەھەرلىرىگە كاتيۇشا، سكۇد ۋە باشقا بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىدۇ. مەزكۇر ھۇجۇملار كۆپىنچە ھاللاردا ھاۋا مۇداپىئە قالغان سىستېمىلىرى سايىسىدا ھاۋادىلا پاچاقلاپ تاشلانسىمۇ، چېگرا بويىدىكى نەجران ۋە جازانغا قىلىنىۋاتقان گىراناميوتلۇق ھۇجۇملار بەزىدە كىشىلەرنىڭ جان ۋە مال – مۈلكىگە زىيان يەتكۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر