ئىسىرائىلىيە ھۇمۇستىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان

رۇسىيە سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئىسىرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە «F-15» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

947234
ئىسىرائىلىيە ھۇمۇستىكى ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇمۇستىكى T4 ھەربىي بازىسىغا، سەككىز دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ۋە لىۋان ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بەشىنى سۈرىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بەزى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق سانا (SANA) خەۋەر ئاگېنتلىقى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04:00 ئەتراپىدا ھۇمۇستىكى T4 ھەربىي بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيى ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئىرانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە، ھۇمۇستىكى شايرات ھەربىي بازىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر