ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن كىرىزىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد زارىف سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن كىرىزىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارمىغانلىقىنى ئېيتتى.

947369
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن كىرىزىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، يەمەن كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشتىلا سەئەدى ئەرەبىستان بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بىراق رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

زارىف BBC ئەرەبچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يەمەن كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى.

زارىف: 2013-يىلى سېنتەبىردە يەمەن كىرىزىسى باشلىغان چاغدىلا بۇ كىرىزىسقا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇئۇد ئەل فايسالغا خەت يازدىم، ئۇ خېتىدە ئەرەب دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىران بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ سەلبىي جاۋاب قايتۇرۇپتۇ، دېدى.  

«سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندە غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالدى، شۇڭا ئىراننىڭ تەكلىپىگە قارشى چىقتى»دېگەن مۇھەممەد جەۋاد زارىف، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەسكەرلىرى يەمەننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنمۇ، ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ۋە يەمەندىكى  تەرەپلەر بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەلبىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر مۇھەممەد جەۋاد زارىف مۇنداق دېدى: «يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغانلىقىغا تۆت يىل بولدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، شۇنداقتىمۇ يەمەن كىرىزىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش ئېھتىمالى بار، سەئۇدى ئەرەبىستان كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالىسا ئىران ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ.»

يەمەندىكى تەرەپلەر بىر يەرگە كېلىپ دىيالوگ ئۆتكۈزسە يەمەن كىرىزىسنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇھەممەد جەۋاد زارىف : يەمەندىكى كىرىزىسنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم، ئىران ھۆكۈمىتى يەمەن كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر زامان تەيياردۇر، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر