ترامپ: 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە مۇھىم قارا چىقىرىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنىڭ بېشارىتىنى بەردى.

947767
ترامپ: 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە مۇھىم قارا چىقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۇما ناھىيەسىگە قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئارمىيە مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم قارار چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ مۇخبىرنىڭ بىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بارلىق تاللاش يوللىرىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلاش تەييارلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

ترامپ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، «پەسكەشلەرچە قىلىنغان ھۇجۇم» دېگەندىن كېيىن: «رۇسىيەمۇ، ئىرانمۇ، سۈرىيەمۇ ياكى ھەممىسى بارمۇ، بۇ ھەقتە قارار بېرىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋاتقان ئەشۇ مىنۇتلاردا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ «بۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زۇلۇمنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىغا جايلاشقان دۇما ناھىيەسىدە 7-ئاپرېل (شەنبە) يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمدا، كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر