گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە دۇمادىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى دۇما ناھىيەسىگە قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

947686
گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە دۇمادىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ستېفىن سېيبېرت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تەخمىنەن بىر يىل بۇرۇنمۇ ئۆز خەلقىگە خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ دۇمادا يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى سېيبېرت كىشىلەرنىڭ جېنىنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمىغان ھۇجۇملارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىگە تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك گاز ئىشلىتىشنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

ئۇ دۇما خەلقىنىڭ ھەپتە ئاخىرى بويىچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بومباردىمانلىرىغا دۇچار بولغانلىقىنى، يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى پەسكەش ۋە ئىنسانىي دۆلەتلەر قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتىدۇ، بۇ جازاسىز قالماسلىقى كېرەك. زەھەرلىك گاز ئىشلىتىش ۋە تىببىي ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى قەستەنلىك بىلەن قىلغان بومباردىماننىڭ جاۋابكارلىرى جازاغا تارتىلىشى كېرەك.»

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان رۇسىيەنىڭمۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە كەسكىن تۈردە خىمىيەلىك گاز ھۇجۇمىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە كۈچ چىقىرىشى كېرەك. رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە خىمىيەلىك ھۇجۇملارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.»

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشى توغرىسىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەكىلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، رەھىمسىزلىكىنى ۋە ئىختىلاپلارنى پەقەت ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى بۇنچىلىك ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمىغان بولاتتى» دېدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى ئۆز خەلقىگە قارشى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قوراللارنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق پىلاننىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مەسىلىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىش بىلەن كۇپايىلەندى.

ئىسپانىيەمۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۇما ناھىيەسىدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۇما خەلقىگە خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسپانىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال بومباردىمانىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، «خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەر قانداق جاي ياكى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىشى، خەلقئارالىق قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېيىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ پەسكەشلەرچە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جازاسىز قېلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى بىلەن ب د ت ئورتاق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماسلىق تەنقىد قىلىندى.

باياناتتا، ئىسپانىيەنىڭ «قەتلىئامنىڭ جاۋابكارلىرىدىن ھېساب سوراش» قا كۈچ چىقىرىدىغان مېخانىزمنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر