رۇسىيە ئامېرىكنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 2011 – يىلىدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارشى 50 دىن ئارتۇق ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بىراق بۇلارنىڭ ھېچ بىرسىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

946312
رۇسىيە ئامېرىكنىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ۋاشىنگىتون دائىرلىرى ئامېرىكا ۋىزىسىنى رەت قىلىش، رۇسىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ مال مۈلكىنى ۋە مالىيە ئاكتىپلىرىنى توڭلىتىش ئارقىلىق خۇسۇسىي مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى كېسىۋېلىشقا ئوخشاش ئىشلارغا قارىتا <بۇلاڭچىلىق> دېيىلدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ، تېخى بىزنى قوتقۇتماقچى بولماقتا» دېيىلدى.

ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارغا زىيان سىلىپ، ئەسلىدە ئادەتتىكى ئامېرىكا خەلقىگە ۋە ئۆز پۇقرالىرىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ بارغانسىرى ئۆز قىممەت قاراشلىرىنى رەت قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەر قانداق بېسىمنىڭ رۇسىيەنى ئۆزى تاللىغان يۆنىلىشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ نىشانىغا يېتەلمەسلىكتەك مەغلۇبىيىتىنىڭ پەقەتلا رۇسىيە خەلقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تەبىئىيكى، ھازىرقى ۋە باشقا ھەرقانداق رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇمغا ئەڭ قاتتىق بىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز. بىراق ھەممىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىز بىلەن <ئېمبارگو تىلى ئارقىلىق سۆزلىشەلەيمىز> دەپ ئويلاپ قىلىشتەك خاتالىقىدىن قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىشنى خالايمىز»

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، رۇسىيەلىك 7 كارخانىچىنى ۋە ئۇلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى 12 شىركەتنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن باشقا يەنە، رۇسىيەنىڭ 17 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەسئۇلىنى، رۇسىيە دۆلىتىگە تەۋە بىر قورال سودا شىركىتى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بىر بانكىنىمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر