ترامپ قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن 10 – ئاپرېل كۈنى ئاقسارايدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

945986
ترامپ قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈش قاتارلىق نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندا ئاقسارايدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسەتلىرى ساھەسىدە رىياد بىلەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېقىنلىشىۋاتقان تراپپنىڭ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشى، ھەم پارىس قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەم سۈرىيە كىرىزىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر