ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپقا ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سىياسەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

943722
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپقا ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرنىڭ مىچىگان يولى بويىدىكى « سۇ ئۈستى راۋاق باغچىسى» دا باشلانغان نامايىشقا تەخمىنەن 200 كىشى قاتناشتى.

چىكاگو ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەخمىنەن 3 مېتىرلىق يىراقلىقتىن 16 پاي ئوق ئېتىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن لاچۇئەن مەكدونالد ئىسىملىك قارا تەنلىك ياشنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سىرت يەنە، شۇ قېتىمقى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرمۇ قاتناشقان نامايىش « Trump Tower » گىچە داۋاملاشتى.

نامايىشنى قوراللىنىشقا قارشى چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارمۇ قوللىدى.

ساقچىلارنىڭ نامايىش جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىدى.

نامايىشچىلار « Trump Tower » نىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان  قىلغاندىن كېيىن تىنچ تارقاپ كېتىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر