خىتاي ئامېرىكىغا شۇنداقلا شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا شۇنداقلا شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيەگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «شۇنچە قېيىن قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەت ياخشى قەدىرلىنىشى لازىم» دېدى.

943414
خىتاي ئامېرىكىغا شۇنداقلا شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيەگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مەسلىھەتچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇننىڭ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن بۇ ئاي ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كېلەر ئاي ئېلىپ بارماقچى بارغان ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختالدى.

ۋاڭ يى يېقىنقى مەزگىللەردە كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى نىشان قىلغان ھەرىكەت قىلىشىنى ھەمدە تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىنى ياخشى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارا مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرە يىغىنىنىڭ پىلانلانغان شەكىلدە ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى «ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭمۇ نۇقسانسىز بىر شەكىلدە ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىشىنى ۋە ئۆزئارا ئىشەنچ بەرپا قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يىرىكچىلىكلەرنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن تىنچلىق ۋە دىيالوگ باسقۇچىنىڭ ئۈمىد بېرىدىغان ھالغا كېلىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا، تاشقى ئامىللارنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلانغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋاڭ يى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇ تاشقى ئامىللارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەرنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلىتىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

ۋاڭ يى كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرولۇق قوراللاردىن تازىلاش جەھەتتىمۇ مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى ھېسابقا قېتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن ئاسيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مۇنبەرلىرىدىن بىرسى بولغان «Boao Asya» مۇنبىرىنىڭ بۇ يىللىق كونفېرانسىنىڭ 8ئاپرېلدىن 11ئاپرېلغا قەدەر خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىدا ئۆتكۈزلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 4 كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا، ئاسىيا ئىقتىسادى، رايون خاراكتېرلىك تەرەققىيات، ئۇل - ئەسلىھە سېلىنمىلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسلىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ۋاڭ يى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىرى لىكىچاڭنىڭ مۇنبەرگە ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن مېھمان رەھبەرلەر ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر